شىياڭگاڭدا 150 مىڭ كىشى جەم بولۇپ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى
2009-06-06
خىتاي كوممۇنىستلارغا قارشى ئەڭ چوڭ پائالىيەت دەپ تونۇلغان تيەنئەنمېن ۋەقەسى شاڭگاڭنىڭ ۋىكتورىيە باغچىسىدا 150 مىڭ كىشى تەرىپىدىن خاتىرىلەندى.
2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شاڭگاڭنىڭ ۋىكتورىيە باغچىسىغا توپلانغان 150 مىڭ كىشى دۇنيانىڭ ئەڭ سۈكۈت ئىچىدىكى پائالىيەتلەردىن بىرىنى مەيدانغا چىقاردى. خىتايدىن كېلىپ ئىشتىراك قىلغان شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ پائالىيەتتە پائالىيەتچىلەر بىر قانچە سائەت يەرگە شام يېقىپ سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇردى.
پائالىيەت ئارىسىدا ، سىياسى فاكۇلتېت ئوقۇغۇچى دەپ تونۇشتۇرۇلغان 19 ياشلىق بىر قىز ئوقۇغۇچى بى بى سى مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىلدىن بىرى ۋەقەلەرنى ئونۇتتۇرۇشقا ئورنىۋاتقانلىقىنى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن ياشانغان بىر ئايال بولسا، ياشلارنىڭ تىيەنئەنمىندە نېمىلەر يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تىيەنئەنمىندىكى قانلىق ۋەقەلەر ئۈچۈن خەلقتىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ۋىكتورىيە باغچىسىغا توپلانغان پائالىيەتچىلەر تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئىنسانلارنىڭ سانىنىڭمۇ ئېنىق بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دەرھال بۇ ھەقىقەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەكلىكىگە چاقرىق قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسى ئېنىقلانغۇچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا ئەڭ ئاخىرقى 20 يىلدا خىتايلارغا نىسبەتەن چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى، ئىقتىسادى ئىلگىرلەشتىن باشقا نۇرغۇن ئىشلار ئۆزگەرگەن بولسىمۇ ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھېچ بىر زامان ئاساس مۇتەئەسسىپ پرىنسىپىدىن ھېچ ئۆزگەرمىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org