گۇئانتانامۇدىكى ئۇيغۇرلار ئوباماغا قارشى نامايىش قىلدى
2009-06-05
رويتېرىس ئاخباراتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سوت مەھكىمىسى جىنايىتى يوق دەپ قارار بەرگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار سۈكۈت ئىچىدە بىر نامايىش ئېلىپ باردى.
گۇئانتانامۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىشى چەكلەنگەن ، ئۇلار ئاق قەغەز ئۈستىگە :ئوباما بىزنى قويۇپ بەرمىدى، نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن خەت يېزىپ تىكەنلىك تورنىڭ ئارقىسىدىن مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن.
گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرى چوڭ بىر قەغەزنى كۆتۈرۈپ تۈرمىنىڭ تىكەنلىك تور ئىچىدىن مۇخبىرلار تەرەپكە يېقىنلاشقان ۋە مۇخبىرلارغا : بۇ يەردە كىم سوئال سورايدۇ؟، دېگەن، ئەمما مۇخبىرلار تۈرمە تۈزۈمىگە بىنائەن ئۇلارغا جاۋاب بېرەلمىگەن. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئاق قەغەزگە خەت يېزىپ مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن، ئۇلار : دېموكراتىيە ۋە كوممۇنىزم ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟ خىتايدا بىزنىڭ ھاياتىمىز خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا بىزنى قوبۇل قىلىش لازىم. سوت مەھكىمىسى بىزنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىمىزگە ئالاقىدار قارار چىقارغان بولسىمۇ تۈرمىدە قىيىن قىستاق كۆرگەن ئۇيغۇرلاردىن. بىزنى قويۇپ بەرسۇن، ئادالەت نەدە؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان. كېيىن ئۇيغۇر مەھبۇسلار ۋاقىراشقا باشلىغاندا تۈرمە گۇندىپايلىرى مۇخبىرلارنى ئۇ يەردىن ئۇزاقلاشتۇرغان.
ئەسلىدە مۇخبىرلار كانادالىق بىر مەھبۇسنىڭ سوتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارغان ئىكەن. تۈرمىنىڭ تۈزىمى بويىچە مۇخبىرلارنىڭ مەھبۇسلار بىلەن سۆزلىشىشى چەكلەنگەن بولغاچقا مۇخبىرلار ئۇيغۇرلار بىلەن تەپسىلى سۆھبەت قىلالمىغان.
3 يىل ئىلگىرى تۈرمىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى قارار قىلغان ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇلمىدى، ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقتىن، ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان باشقا 3 - بىر دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قويۇپ بېرىلمەي ھازىرغىچە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ئاللاھدىن ئۇلارغا سالامەتلىك ۋە سەبىر تاقەت تىلەيمىز. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھدىن باشقا ھېچ قانداق ئىگىمىز يوق.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org