تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھگۈل ئۈرۈمچىگە بارىدۇ
17-06-2009
ھۆررىيەت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھگۈل 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايغا رەسمى زىيارەتكە بارىدۇ.
دۆلەت مىنىستىرلىكى ئاخبارات مەركىزىنىڭ بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە ، دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھگۈلنىڭ زىيارەت جەرىيانىدا دۆلەت مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىر ياردەمچىسى ئەلى باباجان، دۆلەت مىنىستىرى زەپەر چاغلىيان ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىر بەشىر ئاتالاي ھەمرا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت ئىدارە ۋەكىللىرى، ئىقتىساس ئىگىلىرىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت بىرگە بارىدىكەن.
ئاخبارات مەركىزىنىڭ بەرگەن باياناتىدا، زىيارەت جەرىيانىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ساھەسىدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە كېلىشىم قىلىش، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىئالىگنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق بىر قانچە ساھەلەردە سۆھبەت قىلىدىكەن.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھگۈل زىيارەت جەرىيانىدا شىئەن، گۇۋاڭجۇ، شېنجىن ۋە ئۇرۇمچىدە ئۇچرىشىش ۋە تەكشۈرۈشلەردە بولىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org