جەھەننەمدىن جەننەت ئارىلىغا ...
16-06-2009
uyghurs in Beruda
uyghur qerindashlirim hosh keldinglar silerge 7 yil heqsizliq qilindi. silerge allahtin sebir taqet ve salametlik, hatirjemlik tilaymiz.
تۈركىيىنىڭ سىتار گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ئۆزلىرىنى گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە كۆرگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر 7 يىلدىن كېيىن ئەركىنلىككە چىققان بولۇپ بېرومۇدا دېڭىز ئارىلىدا يېىڭى ھاياتنى خۇشال باشلىدى.
گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر ھازىر بىرۇمۇدادا دېڭىز سەيلىسى قىلماقتا. 13 ئۇيغۇرنى بولسا تىنىچ ئوكيان ئارىلىدىكى پالائۇ دۆلىتىگە يۆتكەش ئۈچۈن رەسىمىيەتلەر بېجىرىلمەكتە.
تايمىز گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، 4 نەپەر ئۇيغۇر ھازىر دېڭىز ئارىلىنىڭ ۋە قۇياشنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بېرۇمۇدادا دېڭىزغا كىرگەن ۋە تۈنجى قېتىم بېلىق تۇتقان ئۇيغۇرلار بۇنچىۋالا خۇشال بولىدىغانلىقىمىزنى ھېچ تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدۇق. بېرۇمۇدانى بەك ياخشى كۆردۇق. بىر رېستورانت ئېچىشنى پىلانلاۋاتىمىز دېگەن.
11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار باشتا ئافغانىستانغا كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ھۇجۇمىدىن كېيىن پاكىستانغا قاچقان. پاكىستان بىخەتەرلىكنى قوغداش خادىملىرى ئۇلارنى تۇتۇپ ئامېرىكىغا تاپشۇرۇشى بىلەن گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە 7 يىل بىگۇناھ يېتىشتەك ئېچىنىشلىق تىراگىدىيىگە دۈچ كەلدى. يىللارچە تۈرمىدە ياتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايىتى يوقلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئۇلارنى يۆتكەش كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئەلقائىدە تەشكىلاتىنى گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە ئۆگەندۇق
ئۇسامە بىن لادىننى تونۇمايدىغانلىقىنى ھېچ قانداق بىر تېررورچى تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەلقائىدە دېگەن تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە بىلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇلار : تۈرمىدە خىتاي رازۋېتكىلىرى تەرىپىدىن 18 سائەت سۇراق قىلىنغان ۋاقىت ئەڭ ناچار ئۆتكەن مەزگىل بولغان . ئۇلار خىتاي رازۋىتكىلىرىنىڭ سۇراق قىلىش جەرىيانىدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن تەھدىت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىغا قارشى يامانغەرەزدە بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار بېرۇمۇدادا يەرلىك خەلق تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى. بېرۇمۇدادا ئۈچ كۈن ئىچىدە 5 ئورۇندىن ئۇلارنى ئىشقا ئېلىشقا تەكلىپ كەلگەن.بېرۇمۇداغا ئىشلەش ۋىزاسى بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا بېرۇدا ھۆكۈمىتى بىر يىل ئىچىدە گىراژدانلىق بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىن ئەركىنلىككە چىققان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قىزغىن قۇتلايمىز. ئاللاھ ئۇلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ھاياتىغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org