خىتاي پاكىستانغا ئۇيغۇرلارنى يوق ئېتىش توغرىسىدا بېسىم قىلغان
2009-06-05
خىتاي پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى يوق ئېتىش ئۈچۈن پاكىستانغا بېسىم ئىشلەتتى.
دۇنيا بۇلتەنى تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ تەشكىلاتى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ پاكىستاندىكى شۆبىسىنىڭ پۈتكۈل پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن پاكىستانغا بېسىم ئىشلەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ پاكىستان دۆلەت رەئىسى ئاسىف ئەلى زەردارىغا بۇ ھەقتە چىڭ تۇرۇپ بېسىم ئىشلەتكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ سېستىملىق ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ قورشاۋدا قالغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چېگرىداش خوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېلىپ، ئۇ يەردە تەشكىلات قۇرۇش ھالىغا كەلگەن، ئۇيغۇرلار قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ھىندىستاندا پائالىيەت قىلماقتا ئىكەن.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ بى بى سى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بىزگە يېتىپ كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بەس - مۇنازىرە بولىۋاتقان مەزكۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى قەبىلە رايونىغا يوشۇرۇنغانلىقىنى داۋا قىلغان.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەسناسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەربى ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى. ئولىمپىك ئەسناسىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان، ئولىمپىك ئەسناسى بويىچە پاكىستان چېگرىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلەر كۈچەيتىلگەن ئىدى.
بى بى سى ئاخباراتنىڭ قولىغا ئۆتكەن رەسمى ئۇچۇردا، خىتاي دۆلەت رەئىسى پاكىستاننى ئۇيغۇرلارنى يوق ئېتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي پاكىستانغا يوللىغان مەزكۇر خەتتە يەنە، دۆلەت خىزمىتى ياكى خۇسۇسىي تىجارەت ئۈچۈن پاكىستاندا تۇرىۋاتقان خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پاكىستانغا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى پاكىستاننىڭ سىۋات رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوراللىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى داۋا قىلغان.
خىتاي، پاكىستاننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى مەرھۇم زىيائۇل ھەققىمۇ پاكىستاندا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقنى ھەقسىز ھەج قىلدۇرغان ۋاقىتتا زىيائۇل ھەقنى ئاگاھلاندۇرۇپ خەت يوللىغان. ئەمما زىيائۇل خىتاينىڭ ئۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز ھەج قىلدۇرغان ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org