خىتاي يەنە قەشقەردە دۆلەت تېررورلۇق ئېلىپ بارماقتا
2009-06-06
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش جىنايىتىنى قەشقەردە تېررور مەخپى ئۆيى بار دېگەننى باھانە قىلىپ، تېخىمۇ كۈچەيتتى.
خىتاي، چېگرا رايونىدىكى قەشقەردە 7 تېررور مەخپى ئۆيىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقىنى داۋا قىلىپ ئۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەردىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سېكرىتارى جاڭ جىيان نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېلىتانلارنىڭ خوشنا دۆلەتلەردىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇزاقتىن قوماندانلىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇيغۇر رايونلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارماقچى بولغان زۇلۇمغا باھانە ئىزدەۋاتىدۇ.
جاڭ جىيان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە سەۋەبسىز تۇتۇلغان خەلق ئاممىسىنىڭ مېلىئان ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ شىنجاڭنى جۇڭگودىن بۆلۈشكە ئورۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
جاڭ جىيان ، قەشقەردە 1990 - يىلدىن ھازىرغىچە 350 ھۇجۇم خاراكتېرلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بۇ ۋەقەلەردە 60 نەپەر ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەمما ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار ھەققىدە ئۇچۇق بىر مەلۇمات بەرمىگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىستاتىستىكلىرىگە قارىغاندا، رايوندا 1990 - يىلدىن 2003 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي دائىرلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى گۇرۇپ داۋاسى بىلەن بىگۇناھ مىڭلىغان ئۇيغۇر خەلقىنى تۈرمىگە قامىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org