جاسۇس ۋە جاسۇسلۇق ھەققىدىكى كۆز قاراشلار
2009-06-23
بەزى دۆلەتلەر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بەزى دۆلەتلەر ئۆزىگە دۈشمەن دەپ بىلگەن دۆلەتلەرگە تەھدىت يارىتىش ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ ۋە دۆلەت ياكى تەشكىلاتلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىدۇ. دۆلەت سىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇچۇر - ئاخبارات، كۈچ ۋە خالىغان سىياسى مەقسەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان مۇھىم بىر ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىنسانلار، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنى ۋە مەخپىيەتلىكنى بىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ كەلدى ھەمدە ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مەخپىيەتلىكنى بىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمى كەسىپلەردىن بىرسى بولغان جاسۇسلۇق قىلىش، ئۇچۇر ئىگىلەش، مەخپىيەتلىكنى قولغا كەلتۈرۈش مەيدانغا كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدى.
دۇنيادىكى كۆپىنچە دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەخپى ئورگىنى بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئورگىنى دەپ ئاتىسا بەزى دۆلەتلەر ئۇچۇر - ئاخبارات مەركىزى دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ، قىسقىسى دۆلەتلەر بىر بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ياللايدۇ ياكى مەخپى جاسۇسلارنى ئىشقا سالىدۇ.
شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شۋېتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن بابۇر مەخسۇت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر جاسۇسنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر جاسۇسنىڭ 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۈنجى قېتىم يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بولىشى مۇمكىن.
بەزى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ۋە كىم ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى كىملەرگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ جاسۇسلۇق قىلغاننىڭ ئاقىۋېتى قانداق بولىدۇ؟
تۆۋەندە بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ھەر قانداق بىر جامائەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كېسەل جاسۇسلۇق كېسلى. ئەمما بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پىسخىكا خاراكتېرىدە كىنىشكىلىك رەسمى جاسۇس بولۇپ خىتايلارغا پايدا يەتكۈزەي دەيدىغان جاسۇسلار بەك ئاز تېپىلىدۇ ياكى يوق دىيەرلىك. ئەمما ئاڭ - سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ ئېزىپ كېتىپ قالغان ۋە بىزنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئاسارەتتىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي يېتەرسىزلىك تۈپەيلىدىن ئاشۇ خىلدىكى ناچار ئىللەتلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان شەخسلەر مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن جاسۇسلۇقتىن ئىبارەت بۇ كېسەلنى ئۆزىمىزدىن تازىلاشقا ئۆزىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تېرىشىمىز لازىم.
دوكتۇر ئالىمجان سۆزىدە يەنە دەلىل ئىسپاتسىز، گۇمان بىلەن باشقىلارنى جاسۇس دەپ قارىماسلىق ھەققىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دوكتۇر ئالىمجان يەنە مۇنداق دېدى: بىز چوڭ بىر دۈشمەنگە قارشى ئۆزىمىزنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى يۈرۈۋاتىمىز. يەنى بىز مۇسۇلمان بولۇش ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەم دىنىمىزنىڭ ھەم ۋەتەن مىللەتنىڭ مەجبۇرىيىتى بولغان ھەق داۋايىمىزنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە، بىز ئالدىراقسانلىق بىلەن ئۆز ئارا باشقىلارغا تۆھمەت قىلماسلىقىمىز لازىم. دەلىل - ئىسپات تېپىلماي تۇرۇپ گۇمان بىلەن باشقىلارنى جاسۇس دېيىش گۇمان بىلەن قاراش ئۆز - ئارا ئىشەنچ، مېھرى مۇھەببەت ۋە شەپقەتنىڭ يوق بولىشىغا ۋە جامائەتنىڭ بۆلۈنۈشىگە كۈچىمىزنىڭ ئاجىزلىشىشىغا يول ئاچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىككىنە يوق ئىشنى پەيدا قىلىپ قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدە پىتنە - ئىغۋا تارقاتماسلىق لازىم. دەلىل ئىسپات تېپىلمىغان تەقدىردە باشقىلارنى جاسۇس دەپ يۈرۈش چوڭ گۇناھ.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org