تۈركىيىدە چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 25 - مارت كۈنىدىكى سانىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىغا "خىتاي ئىسلام مەدەنىيىتىنى يوق ئېتىشكە ئۇرۇنماقتا" دەپ تېمى قويۇلغان. ماقالە مۇنداق باشلانغان، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇن نەچچە يىلدىن بىرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يەنە بىر باسقۇچ يوقىرى كۆتۈردى. خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قەشقەر شەھىرىنى يىقىتىشقا قارار قىلدى. تەخمىنەن 220 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىغان قەدىمى شەھەر قەشقەرنىڭ ئۆيلىرىنى يىقىتىشقا قارار قىلغان خىتاي دائىرلىرى بۇ قارارنى ئاقلاپ، قەشقەر ئۆيلىرىنىڭ بەك كونىراپ كەتكەنلىكىدىن ئۆرۈلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى داۋا قىلغان.
دۇنيا جامائىتىنى خىتاينى توسۇشقا چاقىرىق قىلدى ماقالىدا بىلدۈرۈشىچە يەنە ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى ئۆرۈپ - چېقىش قارارىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتىنى يوق ئېتىپ، ئاسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتى دەپ كۆرسەتكەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى رابىيە قادىر، دۇنيانى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ تارىخى شەھەرنى چىقىشقا رۇخسەت قىلماسلىققا چاقىرىق قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ ئۇ باياناتتا، خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ تارىخى شەھەرنى چېقىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى. باياناتتا يەنە، 1949 - يىلدىكى خىتاي كوممۇنىست رەجمىدىن ھازىرغىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى بىر قانچە شەھەرنى چېقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق ئېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇ باياناتتا يەنە قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنى مىراسى ھېسابلانغان قەشقەر شەھرى ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مىراسلاردىن بىرى. خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا چېقىۋەتكەن ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا ئاپارتمەنت ئائىلە بىناسى قۇرۇپ خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دېيىلگەن. كۈن چۈشمەيدىغان يەردە ياشىمايمىز ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە يەنە قەدىمى تارىخى قەشقەردە ياشىغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئامېرىكا ۋاشىنگىتون گېزىتىگە بەرگەن مەلۇماتىدا، ئىسمىنى بىلدۈرۈشنى رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ خىتايلارغا ئوخشاش ياشىشىمىزنى كۆزلەيدۇ، ئەمما بىز بۇنى قوبۇل قىلمايمىز، ئەگەر بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلە ياتاق بىنالىرى ئىچىدە ياشىساق، بىزنىڭ بېغىمىز بولمايدۇ ۋە كۈن كۆرەلمەيمىز، بۇ يەر بىزنىڭ توپراقلىرىمىز، بۇ يەرنى ھۆكۈمەتتىن سېتىۋالمىدۇق. تارىخىي شەھەر قەشقەرنى چېقىشنى قارار قىلغان خىتاي دائىرلىرى ئۆيلەرنىڭ بەك كونىراپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئېھتىمالى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ، خىتاي دائىرلىرى قەشقەر شەھىرىنى چېقىش ئۈچۈن 440 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى مىڭ يىللىق بىر تارىخى بولغان شەھەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىش خەتىرى مەۋجۇتلۇقىنى داۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر قانچە يىلدىن بىرى نەچچە يۈز مىڭلىغان خىتاي ئائىلىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان. قەشقەر ئەڭ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەر بولسىمۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي نۇپۇسىدىن كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org