18-03-2009
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى. تۈرك مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى قوغداش قېلىپ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان چاناققەلئە ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنىڭ 94 - يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل شەھىرى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىدارىسى تەرىپىدىن كازلىچەشمە يىغىن زالىدا، چاناققەلئە شېھىدلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ۋە زەيتىنبۇرنۇغا قاراشلىق ھەر قايسى ئىدارە - جەمئىيەت مەسئۇل - خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قېتىلدى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمغا زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا قاراشلىق ھەر قايسى ئىدارە - جەمئىيەت مەسئۇللىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە كۆپ ساندا زەيتىنبۇرۇ خەلقى قاتناشتى. مۇراسىمدا شېھىدلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى، مۇراسىمدا يەنە چاناققەلئە ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسى ھەققىدە سۆز قىلىندى، مۇراسىمدا چاناققەلئە ئۇرۇشى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك تارىخى فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن چاناققەلئە ئۇرۇشى ھەققىدە، تولۇقئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئېپىزوت تەقدىم قىلىندى. ئېپىزوتتا ئۇرۇش جەريانىدا قورسىقى ئېچىپ كېتىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچ ھالدا شەھىد بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىنى بەك تەسىرلەندۈردى ھەتتا بەزلىرى كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. مۇراسىمدا يەنە، شېھىتلەرنىڭ مەدھىيىلەپ شېئىر ۋە ناخشا ئوقۇلدى. مۇراسىم ناھايىتى كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
سۈرەت 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە يىغىن زالىدا ئۆتكۈزىلگەن. چاناققەلئە ئۇرۇشىدا شەھىد بولغانلارنى خاتىرلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۇش.
1915 - يىلى ياۋرۇپا بىرلەشمە ئارمىيىسى تۈركىيەنى قامال قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ ئىككى تەرەپ تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە دېڭىز بوغىزىدا قاتتىق ئۇرۇش قىلغان نەتىجىدە تۈركىيەنىڭ 250 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى شەھىد بولۇپ ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چاناققەلئە ئۇرۇشىدا شەھىد بولغانلارنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
www.maarip.org