ئىستانبۇلدا يۈز مىڭلارچە كىشى ئىسرائىلىيىگە قارشى نامايىش قىلدى
05-01-2009
تۈركىيە سائادەت پارتىيسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2009 - يىلى 4 - يانۋار يەشكەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ چاغلىيان مەيدانىدا ، پەلەستىن ۋە غەززە خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىش، ھەمكارلىشىش ئۇلارنى قوللاش مەقسىتىدە، ئىسرائىلىيىگە قارشى نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشنى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن 150 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلات قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. نامايىشقا، ھاۋانىڭ سوغۇق بولىشىغا، يامغۇر يىغىشلارغا پەرۋە قىلماي، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن يۈز مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشتا سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پ.د. نومان قۇرتۇلۇش ئەپەندى نوتۇق سۆزلىدى. نامايىشچىلار ئىسرائىلىيىگە قارشى غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەپ، شۇئارلار توۋلىدى. ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بايراق كۆيدۈرۈشنى توسقان بولسىمۇ غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار ئىسرائىلىيە بايرىقىنى كۆيدۈردى.
پەلەستىندە ئۇرۇش داۋام قىلماقتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قورۇقلۇقتىن غەززە شەھرىنى ئىشغال قىلىشقا ئورۇنغان بولسىمۇ قارشىلىققا ئۇچراپ غەززىگە كىرەلمىگەن . پەلەستىندە شەھىد بولغانلارنىڭ سانى ھازىرغىچە 507 گە يەتكەن، 2421 كىشى يارىلانغان.
نامايىشقا ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشتا پەلەستىن بايرىقى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يولتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىرگە لەپىلدى.
3 سائەت داۋام قىلغان نامايىشنى TV5 تېلىۋىزىيەسى ۋە ئەلجەزىرە تېلىۋىزىيەسى سۇنئى ھەمرا ئارقىلىق نەخ مەيداندىن تارقاتتى. نامايىش تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلىنىپ، 15 :00 تە ئاخىرلاشتى.
كېيىن نامايىشچىلار بىر قانچە ئاممۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ لەۋەنت رايۇنىدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانسى ئالدىغا توپلۇشۇپ، نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار پۈتۈن كېچە ئوخلىماي ئىسرائىلىنىڭ ئۇرۇش توختىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلغا قارشى شۇئار توۋلىدى. نامايىشچىلار بىر تەرەپتىن يىغلاپ دۇئا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەزەپلىنىپ ئىسرائىلغا قارشى شۇئار توۋلىدى. پۈتۈن كېچە داۋام قىلغان نامايىش ئەتتىگەن سەھەر ۋاقتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
تونۇگۇن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىسرائىلغا قارشى نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان .
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org