21-01-2009
مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ، 2009 - يىلى 29 - يانۋار پەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى دەپ تونۇلغان مەرھۇم ئەيسا يۇمۇپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 14 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، قازاق تۈركلەر ۋەخپى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر - قازاقلاردىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
مۇراسىمغا يەنە ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئاقتاش ئەپەندى، كۆپ ساندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپىتېكىننىڭ دوستلىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخسلەر، يازغۇچىلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە ۋە تۈرك دۇنياسى شەھىدلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.
ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
مۇراسىمدا، تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋە ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان، پروفېسسور دوكتۇر نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن لىدار شەخس ئىدى" دېگەن تېمىدا، يازغۇچى سامى ياۋۇرجۇك ئەپەندى، "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى"دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتچى خادىمى ئۆمەر قۇل ئەپەندى، "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بىلىنمىگەن تەرەپلىرى"دېگەن تېمىدا، مىمار سىنان گۈزەل - سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر گۈلشەن چاندارلىئوغلۇ خانىم، "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ چەتئەل زىيارەتلىرى" دېگەن تېمىدا، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېىكىننىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى "دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
مۇراسىمدا يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى مۇستاپا سېىيت يازىجىئوغلى ۋە ئىستانبۇل تىجارەت مەركىزىنىڭ باشلىقى مۇرات يالچىنتاش ئەپەندىنىڭ ئەۋەتكەن تېلىگىرافلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەخمەت تۈركوز مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچىلارنى تەبرىكلەپ شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلدى. مۇراسىم كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن ئاخىرلاشتى.
ئارسلان
www.maarip.org