ئەبۇ بەكرى: گۇۋانتانامۇ تۈرمىسى تاقالمىغىچە خاتىرجەم بولالمايمەن
21-01-2009
ئارسلان
گۇۋانتانامۇدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 2006 - يىلى ئالبانىيەنىڭ پايىتەختى تىرانا شەھرىگە ئورۇنلاشقان ئەبۇ بەكرى قاسىم، باراك ئوباما گۇۋانتانامۇنى تاقاش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغىچە خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2006 - يىلى ماي ئېيىدا ، ئەبۇ بەكرى ۋە باشقا 4 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇلسا قىيىن - قىستاققا دۈچ كېلىشى ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ئەندىشىلىنىپ، ئالبانىيەگە قويۇپ بەرگەن ئىدى.
2009 - يىلى 20 - يانۋار كۈنى بالقان ئىنتېرنىت تور سەھىپىسىدە چىققان خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ نىيورك ۋە ۋاشىنگىتوندىكى ئىگىز بىنالار ھۇجۇمغا ئۇچىرىغاندىن كېيىن، تۇتۇلۇپ گۇۋانتانامۇ تۈرمىسىگە قامالغان ۋە بىر قانچە يىل قىيىن - قىستاق ۋە ئىشكەنچە ئىچىدە ياشىغان ئەبۇ بەكرى قاسىم، "ئۇبامانىڭ بىرىنچى قېتىم قىلىدىغان ۋەزىپىسى گۇۋانتانامۇنى تاقاش بىلەن باشلىنىش لازىم. چۈنكى ئامېرىكا خەلقى پۈتكۈل دۇنيا خەلقى گۇۋانتانامۇدىكى قىلمىشلارنىڭ داۋام قىلىشىنى خالىمايدۇ، گۇۋانتانامۇنىڭ تاقىلىشى بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىر خەۋەر بولىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈنمۇ بىر خوش خەۋەر بولىدۇ چۈنكى گۇۋانتانامۇ، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە ھەققىدە مەيدانغا كەلتۈرگەن تۆھپىلىرىگە زىيان سالىدۇ"، دېدى.
دۇنيا بۇلتەنى تور بېتىنىڭ 20 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئەبۇ بەكرى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغال ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆيىدىن 2001 - يىلى باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش مەقسىتىدە ئايرىلغان. ئۇ 17 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر كۆچمەن گۇرۇپ بىلەن بىرلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان قاتارلىق خوشنا دۆلەتلەرنى ئايلانغان . 2001 - يىلى قىش پەسلىدە، ئامېرىكنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئافغانىستاننىڭ جالال ئاباد شەھرىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار تۇرىۋاتقان شەھەرگە ئامېرىكا ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلىرى بومباردىمان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار خوشنا دۆلەت پاكىستانغا كەتكەن. دەسلەپتە پاكىستان يېزا خەلقى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۇلار تۇرىۋاتقان رايۇنغا ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرى تەشۋىقات ۋاراقلىرى تاشلىغان ، ئۇ ۋاراقلاردا، " بىر ئەرەپ تۇتۇپ بەرگەنلەر باي بولۇپ كېتىدۇ" دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان ئىدى. ئۇلارنى يېزا خەلقى تۇتۇپ ھەر بىرى ئۈچۈن 5 مىڭ دوللار بەدىلىگە پاكىستان ساقچىلىرىغا ساتقان. ئۇلار پاكسىتاندا 4 ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن گۇۋانتانامۇ تۈرمىسىگە يۆتكىگەن. ئەبۇ بەكرى، بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن " ئايرۇپىلاندا 20 كىشى بار ئىدۇق، ھەممىمىز زەنجىر بىلەن باغلانغان ئىدۇق، ھازىر ئىسمى ناچار ئاڭلىندىغان گۇۋانتانامۇ تۈرمىسىگە كەلتۈرۈلدۇق. بىز، دوزاخقا ئۇدۇل كەلگەنلىكىمىزنى شۇ يەردە ھىس قىلغان ئىدۇق. بىز دېلتا جازا لاگىرىدا تۆمۇر قەپەس ئىچىدە 5 يىل قالدۇق. بىزنىڭ جىنايىتىمىز يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ قويۇپ بەرمىدى، گۇۋانتانامۇ تۈرمىسدە كوممۇنىست قانۇنىمۇ دېموكراتىيە قانۇنمۇ يوق ئىدى ". دۇنيا بۇلتەنى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا بىلدۈرۈشىچە، 2006 - يىلى 5 - ماي ئېيىدا ئامېرىكا سوت مەھكىسى 5 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ھالىتىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى قارار قىىلغان. تەپتىش مەھكىمىسى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى بوش ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئامېرىكا ئىچىگە قويۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئۈچۈنچى بىر دۆلەت ئىزدىگەن، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن بۇ ھەقتە دېپلوماتىيە جەھەتتىن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلمىغان، ئاخىرى بالقان دۆلەتلىرىدىن ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قوبۇل قىلغان. ھازىر گۇۋانتانامۇدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 250 مەھبۇستىن 55، 60 ئەتراپىدىكى شەخسلەر ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا قىيىن قىستاققا دۈچ كېلىدىغانلىقى ياكى ئېغىر جازاغا دۇچار بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 17 نەپەر ئۇيغۇرمۇ بار بولۇپ، باشقىلىرى بولسا لىبىيە، ئالجىرىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىكەن. ئالبانىيەگە قويۇپ بېرىلگەن بەش ئۇيغۇرلاردىن ئەبۇ بەكرى ، ئالبانىيەنىڭ تىران ئەتراپىدىكى مۇساپىرلار مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا تۈنجى بولۇپ بىر خەرىتە سورىغان. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ نەرىدە ئىكەنلىكىنى، ئالبانىيەنىڭ دۇنيا جۇغراپىيەسىنىڭ قەيىرىگە جايلاشقانلىقىنى بىلمەيتتى، ئەبۇ بەكرى، ئالبانىيەنى 70 - يىللاردا ئالبانىيە كوممۇنىست رىجىمى بىلەن ماۋچى خىتاي كۈچلىرى ئارىسىدا قويۇق مۇناسىۋېتى بار زامانلاردا ئىشلەنگەن كونا بىر فىلىمدىن كۆرگەن ئىكەن. شۇئاندا يارىشىملىق غەربچە كىيىم كېيگەن ئەبۇ بەكرى مۇنداق دېگەن: ، " ئىلگىرى مۇساپىرلار مەركىزىدە ياشاش شارائىتىمىز ياخشى ئەمەس ئىدى، ھازىر شەھەر ئىچىدە ئۆزىمىزگە ئائىت بىر ئۆيىمىز بار، مەسجىدكە كېتەلەيمىز، پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىش - ئوقەت باشلىدۇق. باشتا بۇ يەردىكى ئىنسانلار بىزگە تېررۇرچىغا قارىغانغا ئوخشاش كۆز بىلەن قارايتتى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالبانلار بىزنىڭ ئۇنداق شەخسلەر ئەمەسلىكىمىزنى چۈشۈنۈپ يەتتى. ئالبانىيەدىكى بەش ئۇيغۇردىن بىرسى شېۋىتسيگە كەتتى. قالغان تۆت كىشى ئالبانىيەدە يېڭى بىر ھايات باشلاش ئۈچۈن تېرىشىپ كەلمەكتە. ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن، ئەبۇ بەكرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىر بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتتا خالىسانە ئىشلەۋاتىۋىتىپتۇ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇلار يېقىندا تىراندىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرىستىتىدا ئوقۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان. ئەبۇ بەكرى، ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، گۇۋانتانامۇ تۈرمىسى تاقالمىغىچە، ھېچ بىر ۋەزىيەتتە خۇشال بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا خەلقىنى گۇۋانتانامۇدا ئەمەلىيلەشتۇرىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن ، گۇۋانتانامۇ ھازىرغىچە تاقالمىدى. 17 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى قانۇن، گۇناھسىز، جىنايىتى يوق دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۇيەردە قاماقتا يېتىۋاتىدۇ، دېدى.
www.maarip.org