2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق
جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان
ۋەخپىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق
كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ
بېرىلدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدا
ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال
بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى،
نامايىش تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12 دە
باشلانغان بولۇپ نامايىشچىلار قوللىرىدا 5
- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەكس ئەتتۇرگەن
رەسىملەر ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى
كۆتۈرۈشكەن ھالدا، خىتاي كونسۇلخانىسى
ئالدىغا يېتىپ كەلدى.
نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا
بىردەك، 'قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن
چىقىپ كەت'!، 'شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي
تۈركىستان'!، 'ھەق - ھوقۇق ، ئادالەت
تۈركىستانغا ھۆرىيەت'!، 'تۈركىستانغا
سالام قارشىلىشىش داۋام'!، 'زۇلۇمغا سۈكۈت
قىلما'!، 'مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان
ھەقلىرى قەيەردە'!، دېگەنگە ئوخشاش شوئار
توۋلىدى.